يەيلى 2016 - يىلى يىمەك – ئىچمەك سودا ساھەسىگە رەسمىي قەدەم قويغان ، سىلىنغان ئومومى مەبلەغ 200 مىڭ يۈەن ، 2018 – يىلىغىچە سودا قاتتق جاللىنىپ توردا تاماق زاكاس قىلىش سوممىسى ناھايتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بىر يىللىق سودا 5 مىلىيۇندىن ئاشقان . شىنجاڭدىكى داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاماق يەتكۈزۈش سۇپىسى جەھەتتە 2 نىجى ئورۇنغا ئوتكەن .
2019-يىلى 5 - ئايدا ، سېستىمىسىنىڭ دەرجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ يۇگۈر -يىتىم مۇلازىمتىنىمۇ يولغا قويدۇق ، 2020-يىلى 3- ئايدا ئاشخانا باشقۇرۇش سېستىمىسنى رەسمى ھالدا خەلىقنىڭ ئىشلىتىشگە ھەقسىز سۇندۇق . تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاساس قىلغان ھالقىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەبلەغ سېلىپ ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېس قىلىش ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن توختىماي تېرشىۋاتىمىز .
ھازىر بىزنىڭ قوشونىمىز تېخىمۇ زورايدى ھەر بىر ناھىيىدە بىردىن ئالى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارنى تەسس قىلىدۇق ، شۇ رايۇننىڭ تەرەققىياتىنى تېخمۇ ئېلگىرى سۈرۈپ خەلىق ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت قىلىش ، خىرىدارلارنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇش ، يەيلى « تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاساس قىلغان تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت كارخانىسى » غا جايلاشقان ، ھازىر پارچە سېتىش ، يۈگۈر – يىتىم مۇلازىمىتى ، ئەشيا ئوبوروتى ، تېخنىكا مۇلازىمىتى ، ساغلاملىق ،ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىرلەشمە بۇلۇت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ ، بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق كەسىپ پارچە سېتىش ، يۈگۈر -يىتىم ، ئەشيا ئوبوروتى ، تېخنىكا مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكتىن ئىبارەت .
يەيلى تاماق تاۋار يەتكۈزۈش سۇپىسى خېرىدارلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ، سەمىمىي بولۇش ، ھەمكارلىشىش ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ، جان تىكىپ ئېلىشىش ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتەك قىممەت قارىشى ، « تېخنىكىنى ئاساس قىلىش ، « تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل دۇنيا » نى بۇرچ قىلىپ ، تاماق يەتكۈزۈش ۋە مۇلازىمەت بويىچە ئەڭ ئىشەنچلىك كارخانىغا ئايلىنىشنى نىشان قىلدى .
بۇ ئۈنۋىرسال خارەكتىردىكى تىجارەتچى بىلەن ئىستىمالچى ئۇتتۇرسىدىكى كۆرۈكلۈك رول ئۇينايدىغان تور سودا بىكىتى بۇلۇپ كەڭ تىجارەتچىلەرگە تېخمۇ كەڭ سۇدا رىقابەت ئېلىپ كەلسە ئىستىمالچى ئاممىغا تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كىلىدۇ.بۇ يۇمشاق دىتال سۇپىمىز ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش تۇرى بۇلغان بەيدۇ تۇرنىڭ سىرتقا تاماق سېتىش سودا لاھىيەسدىن ئۈلگە ئالغان ھەم ئىزدەش ۋە ئۇرۇن بىكىتىش ئىقتىدارىدىن باشقا ئۇلانىڭ تاماق يەتكۈزۈش تېخنىكا ۋە تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشتىن باشقا ئاشخانا،رىستۇران،چايخانا، قەھۋەخانا،دۇرىخانا ،ئاشلىق-ماي دۇكىنى،سەي-كۆكتات،مىۋە-چىۋە،ئىچىملىك،گۆش-تۇخۇم،تاللابازىرى، ھەتتا توردا سودا قىلدىغانلارغا مىكىرۇ دۇكانلارمۇ قۇشۇمچە دۇكان ئېچىپ مال چىقىرىپ تىجارەت قىلالايدۇ.سىز تور بىكىتىمىزگە كىرگەن ھامان ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدار قوزغىلىپ ئاپتۇماتىك سىز تۇرۋاتقان ئۇرۇننى بەلگىلەپ سىزگە ئەڭ يېقىن ئۇرۇندىكى سىز ئىھتىياجلىق تاماقخانا ۋە ھەرقانداق ئىھتىياجىڭىزدىكى مال بار دۇكاننىڭ ئارلىقىنى ۋە ئورنىنى بەلگىلەيدۇ.ھەتتا سىز قانچە مىنۇت،قانچە مىتىر ماڭسىڭىز شۇ سىزگە ئىھتىياجلىق مەسھۇلات بار دۇكانغا باردىغىنىڭىزنى كۆرسىتىپ تۇرۇىدۇ.تور بىكتىمىزنى ئشلىتىش ئۇڭاي قۇلايلىق،كىرىش تور بىكەت نامى قىسقا،ئەستە تۇتۇشقا ئاسان،تور بىكىتىمىز،ئۈندىدار سالۇنىمىز،ياكى مەخسۇس يۇمشاق دىتالىمىز ئارقىلىق مەسھۇلات سېتىۋالايدۇ ياكى ھازىرقى بازار ئەھۋالىنى كۈزۈتۇپ تۇرالايدۇ.
شىركىتىمىزنىڭ بۇ يۇمشاق دىتال سۇپىمىزنىڭ مەخسۇس خەۋەر قانىلى بۇلۇپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىر تۇتاش بازار رىقابىتىنى بىلىپ تۇرۇشتىن باشقا ئۆز رايۇنڭىزدىكى بازار ئەھۋالىدىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرالايسىز.ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يۇمشاق دىتال سوپىمىزنىڭ شۇ دۇكاندار مەسھۇلاتنى باھالاش ۋە پىكىرى بىرىش كۆزنىكى بۇلۇپ ئۇچۇق ئاشكارلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ ھەممە ئىشلەتكۈچى ھەم ئىستىمالچى كۈرۈپ تۇرالايدۇ.بۇ ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈسە بۇلسا تىجارەتچىلەرنى تېخىمۇ سالماقلاشتۇرىدۇ.بۇ يۇمشاق دىتالىمىز دۇكاندارنىڭ ھازىرقىدەك كەسكىن بازار زىقابىتىدە دۇكاندا كۈتۈپ ئۇلتۇرۇش ياكى كىرگەن خېرىدارغا مەسھۇلات سېتىشتەك كونا ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىپ سىرىتقا چىقمايمۇ بۇ كۆرۈكلۇك يۇمشاق دېتالدىن پايدىلنىپ تىجارەت قىلالايدۇ.
يەيلى سۇپىسى - شىنجاڭ ئۇزكەن خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بايرىقى ئاستىدىكى كۈچلۈك تېخنىك قوشۇنى ، ئۇزۇن يىللىق تور سودا تەجىربىسى ۋە زور مەبلەغ بىلەن قۇرۇلغان مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ ، تاماق يەتكۈزۈش ، يېمەك - ئىچمەك ، ساياھەت ، مېھمانساراي ، قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغان تور سۇپىسى.